بوياقچى ئېكران رەسىمى

 

يەلتاپان ئاساسى كۆزنىكىدىن "بوياقچى ئېكران رەسىمى"دىگەن بۇتىزىملىكنى چەككەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

بۇ بىر ئېكران تەگلىك رەسىمىنى ئۆزگەرتىش قورالى بولۇپ، بىزبۇ قورال ئارقىلىق ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى رەڭگارەڭ، ئۆزىمىز ياقتۇرغان، ۋە ئۆز خارەكتېرىمىزگە ماس بولغان تەگلىك رەسىمىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيمىز. كۆزنەكتىكى ئۆزىمىز ياقتۇرغان رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇس سىتىرىلكىسىنى توغىرلىساق، رەسىمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجىكىگە پەيدا بولغان (ئۈسىتدە قىزىل رامكا ئىچىىدە ئەسكەرتىلگەنگە ئوخشاش) "مۇشۇنى بېكىتەي" دىگەن خەتنى بېسىش ئارقىلىق ئاشۇ تاللىغان رەسىمنى ئېكران تەگلىك رەسىمى قىلىپ بەلگىلىيەلەيمىز.